ئۇيغۇر مەسچىتىدە عيد تەبرىكلەش

ەسسەلامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلار!
2023 – يىللىق رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنغان خىزمەتلەر:
1-بۇ يىل رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن مەسجىدىمىزدە 4 قېتىم ئىپتار پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قېتىمدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەمگە ئىپتار بېرىلگەن بولۇپ، جەمئى 400 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قېر

ىنداشلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ھەرقېتىملىق ئىفتاردىن كېيىن تەراۋى نامىزى ئوقۇلدى ۋە ۋەتەندىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا – تىلاۋەتلەر قىلىندى.
2- روزا ھېيت نامىزى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ-كىچىك بولۇپ 150 ئەتراپىدا ئەر- ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشىدا روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى ۋە نامازدىن كېيىن 76 پەرزەنتلىرىمىزگە 5 دوللاردىن ھېيتلىق تارقىتىپ بېرىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرىمىزغا گۈزەل بىر ھېيتلىق داستىخان سېلىندى.
3- ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلۈك بالىلار پائالىيىتلىرى ئېلىپ بېرىلدى:
• قۇرئان ئۇقۇش

• شىئىر ئۇقۇش
• تېپىشماق ئېيتىش
• خالتىنى پۇتىغا كىيىپ يۈگىرەش،تەڭپۇڭلۇق ساقلاپ يۈگىرەش قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى.
• پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن قوناق ئېتىلدۇرمىسى، پاختا كەمپۈت قاتارلىق يىمەكلىكلەر نەق مەيداندا تەييارلىنىپ تارقىتىلدى.
• پەرزەنتلىرىمىز يەنە كىچىك تىپتىكى ۋاسكىتبول، پۇتبول ئويناش ئۈسكۈنىلىرىدىن ھوزۇرلاندى.
بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بالىلارغا 350

دوللارلىق قىممىتىدە مۇكاپات تارقىتىلدى ۋە بۇ پائالىيەتنى باشتىن- ئاخىرى پىلانلاپ ۋە تەشكىللىگەن قىزىمىز سۇندۇس كەرىموپقا 100$ دوللار قىممىتىدە ھەدىيە بېرىلدى.

4- بىر قانچە شىركەتلەر تەرىپىدىن ھەدىيە بىرىلگەن سوۋغاتلارنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى قىلىش ئارقىلىق $1740 دوللار يىغىلدى ۋە بۇ پۇل مەسجىدىمىزگە ئىئانە قىلىندى.( بۇ پائاليىەتنى ئىقتىسادى جەھىتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلەرگە ئاللاھتىن جەننەت سورايمىز)

5- قىرغىزىستان ۋە تايلاند تۇرمىلىرىدە يېتىۋاتقان مەھبۇس قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە لاگىر شاھىتلىرى قاتارلىق مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا رامىزانلىق زاكات، پىترە ۋە ئىھسان قاتارلىق ئىقتىسادى ياردەملەر توپلىنىپ ( 9000$) قىممىتىدىكى پۇل بۇ ئۈچ ئورۇنغا تەقسىم قىلىنىپ يوللاندى.
:
كانادا تورۇنتۇ ئۇيغۇر مەسجىدى
ۋە ئىدارى ھەيئەتلىرى.
2023- يىل رامىزان

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *